• SAZGU ILAN ORNI
  • بارماق دىسكا تەكشۈرۇش ۋە رىمۇنىت قىلىش

    يوللانغان ۋاقتى:02-01-2011   مەنبە:未知   ئاپتورى:admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا:29 قېتىم   ئىنكاس:1 پارچە
    نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەريانىدا، ئالدىنىپ قالىدۇ. سىغىمىغا قارىسىڭىز 8G ، ئەمەلىيەتتە 2G سىغىمدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرسىڭىز سى

    نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەريانىدا، ئالدىنىپ قالىدۇ. سىغىمىغا قارىسىڭىز 8G ، ئەمەلىيەتتە 2G سىغىمدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرسىڭىز سىغىمى يېتىشمەيدۇ.
    بەزىدە بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 0 بولۇپ قالىدۇ، ياكى 8MB بولۇپ كۆرۈنىدۇ. يەنە بەزىدە ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى ياكى فورماتلىغىلى بولماسلىق ئەھۋالىغا يولۇقىمىز.
    تۆۋەندە بارماق دىسكىنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش، سىغىمىنى ساختىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش، بۇزۇلغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. دوستلارنىڭ بۇزۇلغان بارماق دېسكىلىرىنى ئوڭشاش جەريانىدا ھەممىسى ئۇتۇقلۇق بولۇشى ناتايىن، ئەمما سىناپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    1. MyDiskTest يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ھەقىقى بولسا سىغىمى كېڭەيتىلمىگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. ساختا بولسا سىغىمى كېڭەيتىلگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ- دە سىغىمىنى چوڭايتىلغان ساختىلىقى نامايەن بولىدۇ.



    2. ئاۋال (ChipGenius(U盘MP3主控芯片识别工具 يۇمشاق دېتالىنى تەييارلىۋالىمىز. (مەن ئادەتتە Chip Genius v3.01 نى ئىشلىتىمەن )
    بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزەك پىلاستىنكىنىڭ تىپىنى ئېنىقلايمىز. بۇيەردە شۇنى تەكىتلەپ قوياي، بارماق دېسكىنىڭ ماركىسى، ئىشلىگەن زاۋۇت قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بارماق دېسكىڭىزنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ماللىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.


    3. ئىزدەش تور بېكەتلىرىدن ئۆزەك پىلاستىنكا تىپىنى دائىر قورالنى ئىزدەپ چۈشۈرىۋالىمىز.


    مۇشۇ دېتالنى چۈشۈرۈش بىر قەدەر قىيىن ھەم نەشرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئادەمنى سەل ئاۋارە قىلىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولغاندا دەرسلىكىنىمۇ بىللە چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
    4. خوش ئەمدى گەپ چۈشۈرگەن 量产工具 نى پىرىشتىن يېشىپ ئىجرا قىلىمىز.


    بۇ كۆزنەكتىن Flash تۈرىنى ئېنىقلىۋالىمىز.
    5. بەلگىلەش تۈرىنى ئىجرا قىلىمىز. ئەلۋەتتە مەخپى نومۇرى بىلەن كارىمىز بولماستىن جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.


    6. بۇزۇلغان رايۇننى بەلگىلەش تۈرىنى مۇنداق تەڭشەيمىز.


    7. ساقلىغۇچنى بەلگىلەش تۈرىدىن Flash تۈرىنى تاللايمىز. ئەۋەتتە بايا ئېنىقلىغان .


    8. باشلاش تۈرىنى ئىجرا قىلىمىز.



    9. سىغىمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز.


    ئەلۋەتتە دوستلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يەردە مەن Chip Genius v3.01 دېتالىنىڭ ھەقلىق نەشرىنى ئىشلەتكەن ئەلۋەتتە. شۇنداقلا مەغلۇپ بولغان ۋاقتلىرىممۇ بولغان.



    ياخشىكەن
    (16)
    88.9%
    ناچاركەن
    (2)
    11.1%

     
    بۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەرنى كۆرگىڭىز يوقمۇ؟
    ------分隔线----------------------------